بۇلبۇل بلوگى

0

ئانا

225

توقسانغا ئۇلاشتى،
كۆزى خىرەلەشتى،
تونىمايدۇ گاھىدا سېنى،
سېنى چاقىرماقچى بولۇپ،
چاقىرىدۇ باشقا بىرسىنى،
باشقا بىرسى چاقىرغاندەك.

توقسان ياز،
توقسان كۈز،
توقسان قىش،
توقسان ئەتىياز،
ئۆتۈپ كەتتى
ماڭلىيىغا ئىز سېلىپ،
ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك
ئەمدى،
تېتىكلىكى يوق
بۇرۇنقىدەك
كۆرپىدە ياتار،
ئىشىككە قارار،
سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن
كۆڭلى يېرىم بولار،
كۆزىگە ياش ئالار،
كىچىك بالىدەك.
ھەي!
جاھاننى ياشاپ تۈگىتىپ قويدى
ئەمدى مېھماندەك!

كۆڭۈك نازۇك نەرسە،
كۆتۈرەلمەس گەپنى
سۇ -مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك.
شۇڭا
تاشلىما ئۇنى،
ئۈنۈتما ئۇنى،
يوقلا!
تاتلىق بىلەن!
ئاچچىق -چۈچۈك بىلەن!
ھالداش ،
مۇڭداش،
ئوغلى بولمىسا ئوغلى بول!
قىزى بولمىسا قىزى بول!
يۇيۇپ قوي،
چاچلىرىنى تاراپ قوي،
دۇمبىسىنى سىلاپ قوي،
پۇتىنى تۇتۇپ قوي،
شۇنداق قىلساڭمۇ
بىر كېچە بەرگەن سۈتى ھەققىنى
تۆلىيەلەمسەن
بولۇپ پايپېتەك!
ئۇ بولمىسا
سەن قېنى؟!
مەن قېنى؟!
توققۇز ئاي
توققۇز كۈن
توققۇز سائەت
توققۇز دەقىقە
كۆتۈرگەن بىزنى قورسۇقىدا،
ئاش ئېتىپ،
نان يېقىپ،
كىر يۇيۇپ …..
يول يۈرۇپ،
جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا……
چاقماق چاققاندەك،
بوران گۆكىرگەندەك!

بىز!
ئۇنىڭ بەختى،
ئارزۇسى ئىدۇق،
بۈگۈنى،
ئەتىسى ئىدۇق،
بىز!
ئۇنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى ئىدۇق،
ئوغۇل بولۇپ،
قىز بولۇپ،
بىز!
ئۇنۇڭغا ئوخشىدۇق:
كۆزىمىز ئوخشار،
قېشىمىز ئوخشار،
بۇرنىمىز ئوخشار،
ئاغزىمىز ئوخشار،
گۈل-گۈلگە ئوخشىغاندەك.

كۆز نۇرىمىز،
قارا چېچىمىز،
قېنىمىز
ئۇنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ…..
خۇددى سۇنىڭ بېشى بولغاندەك.

ئىنسان
ھەم ئەقىللىق بولار
ھەم نادان
كۆيەر بالىسىغا،
كۆيمەس ئانىسىغا،
سېنى ئاسماندا ئۇچسا دەيدۇ،
دېڭىزغا شۇڭغۇسا دەيدۇ،
توھپەڭنى كۆرۈشنى تىلەيدۇ
شەيخ جەينامازدا تىلىگەندەك.
تاپسا
بىر تال كەمپۇت،
بىر تال ئالما،
گېلىدىن ئۆتمەس،
يالغۇز يېگۈسى كەلمەس
سېنى يەۋالسۇن دەيدۇ،
سېنى ئۇرۇقلاپ قالمىسۇن دەيدۇ،
كەپتەر باچكىسىنى ئاسرىغاندەك.

توقسانغا ئۇلاشتى،
قۇلىقى ئېغىرلاشتى،
چىشى چۈشكەن،
بېلى ئېگىلگەن،
بېشى ئاغرىيدۇ،
پۇتى سىقىرايدۇ……
لېكىن،
تۇرغۇسى كېلەر،
يۈرگۈسى كېلەر،
ھاسسىسىنى تاشلىغۇسى كېلەر،
يۈرگۈسى كېلەر ياش، قىرانلاردەك.

يەر ئايلىنار،
ۋاقىت ئۇچار،
بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىدا
ئەتە ساقلاپ تۇرار.
شۇنداق
قېرىيدۇ بارچە:
ئادەممۇ،
دەرەخمۇ،
قۇشلارمۇ…..

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ