بۇلبۇل بلوگى

0

ئالتۇندەك يالتىراش

231

مەڭگۈلۈك سىلجىشىدا ئۆتتى ۋاقىت،
كۈز پەسلى يەنە بىر رەت نۆۋەت ئالدى.
دەرەخلەر رەڭ ئۆزگەرتىپ ئاستا – ئاستا،
ئورمانلار ئالتۇن سېرىق بولۇپ قالدى.
تاغ – جىلغا، دەريا بويى، ئېتىز – دالا،
بىر تۇتاش كىرىپ قالدى ئاشۇ رەڭگە.
ياز بويى يېشىل تۇرغان يوپۇرماقلار،
سارغىيىپ بولۇپ قالدى ئالتۇن تەڭگە.
نۇرلىنىپ، كۈلۈپ تۇرغان بۇ ھاياتلىق،
سۈزۈلگەن ئاسمان ئارا يالتىرايدۇ.
يالتىراپ، ئاجراپ چۈشۈپ بىخلىرىدىن،
تۇپراققا باش قويماققا ئالدىرايدۇ.
ئوڭايلا ئايرىلىدۇ زىچ شاخلاردىن،
دەرەخلەر تەۋرەنگەندە شاماللاردا.
ھاۋادىن لەيلەپ چۈشۈپ توپلىنىدۇ،
تام تۈۋى، ئېرىق – ئۆستەڭ، قاپتاللاردا.
كۈنى شۇ بۇ دۇنيادا يوپۇرماقنىڭ،
كۈز پەسلى ئۇ ئۆمرىنى تامام ئېتەر.
سارغىيىش، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرىش،
ئۇنى ئۆز ھاياتىدىن ئېلىپ كېتەر.
سارغىيىش ئۇنىڭ ئۆمرى ئۈچۈن ئۆلچەم،
ئۇ ھايات تاپقان كۆكلەم ۋە يازغىچە.
تۆكۈلگەن غازاڭ تېپىپ يېڭى ماكان،
تۇپراقتا يېتىپ قالار ئايازغىچە.
قۇرۇتۇپ، چىرىتىپ ۋە قارغا كۆمۈپ،
تۇپراققا قاتار ئۇنى قىش، زىمىستان.
تۇپراقنىڭ ئىچىدە ئۇ ئوزۇق بولۇپ،
كۆكلەمدە دەرەخلەردىن ئىزلەيدۇ جان.
سۇ بىلەن بىخ – بىخلارغا يېتىپ بېرىپ،
قايتىدىن ئايلىنىدۇ يوپۇرماققا.
دۇنيادا يەنە يازنى قىلىپ ھاسىل،
يېشىللىق ئاتا قىلار كەڭ تۇپراققا.
ئۆلۈم يوق قارىغاندا يوپۇرماققا،
ھاياتى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ.
پەسلىگە قاراپ پەقەت ئۇنىڭ تۈرى،
سېرىق ۋە يېشىل دەپلا ئايرىلىدۇ.
تامام ئۆلۈم ئەمەس ئىكەن سارغىيىشى،
ئەۋلادقا ئۆتىدىكەن ئوزۇق بولۇپ.
ئۆزىمۇ بىلسە كېرەك بۇ قىسمەتنى،
بىراقلا خاراب بولماس شۇڭا كۈزدە.
چىرايلىق بىر مەنزىرە قىلار ھاسىل،
كوچىلاردا، مەھەللىدە، تالا – تۈزدە.
ئۆلۈمدىن ئەنسىرەشلەر ۋە مىسكىنلىك
بولمايدۇ ئۇنىڭ سېرىق ھالىتىدە.
ھاياتتا تېنەپ قالغان ئاۋارىدەك،
كۆرگەننىڭ يۈرىكىنى قىلماس زېدە.
كۆرۈنەر روھى ئۈستۈن، خۇشال – خۇرام،
شۇڭا ئۇ ئالتۇن بولۇپ يالتىرايدۇ.
شاخلاردىن ئايرىلىشتىن قاچمايدۇ ھېچ،
تۇپراققا قېتىلماققا ئالدىرايدۇ.
داۋاملىق ياشنار دۇنيا ئالدىنقىلار
ئوزۇق ۋە قۇۋۋەت بولسا كېيىنكىگە.
مىسالى يالتىرايدۇ ئالتۇن كەبى،
ئالتۇندەك بىر قىممەتكە بولسا ئىگە.
بىلدىمكى، شۇ سەۋەبتىن سارغىيىپتۇ،
كۈز پەسلى يوپۇرماقلار كۆپ ئالدىراش.
بۇ خىل روھ، بۇ خىل تەقدىر يارىتىپتۇ،
ئالتۇندەك قەدىر – قىممەت ۋە يالتىراش.

2011 – يىل 23 – نويابىر، ئۈرۈمچى.

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ