بۇلبۇل بلوگى

0

ئالەم ھۆكمى شۇنداقمىدۇ

152
ئانا ئېيتقان ئەللەيلەرگە
قانداق ناخشا يېتەلەيدۇ؟
ئانا چەككەن جاپالارنى
قانداق باتۇر چېكەلەيدۇ؟
ئانا،دەيمىز يىراقلاردىن،
ئەجەب شۇئان يېتەلەيمىز.
ئالەم ھۆكمى شۇنداقمىدۇ؟
ئەجەب بىللە ئۆتەلمەيمىز!
ئۇچۇپ كەتتۇق يىراقلارغا،
ئاق يول تىلەپ ئانا قالدى.
پاراغەتنى بىزگە بېرىپ،
مۇشەققەتنى ئۆزى ئالدى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ