بۇلبۇل بلوگى

0

ئالدىمدىكى ئايال

228

ئەي سەيشەنبىدەك شادىمان ئايال
ساڭا سۆز بېرەي دېسەم
مەندە بىرمۇ ئازات سۆز يوق
گۇل بېرەي دېسەم
ئېچىلمىدى تېخى گۇل تولۇق

قۇلىقىڭ ماڭا تىكلەنگەن
قۇلۇڭ سۇنۇلغان
ئىككىمىز ئارىسىدا ھەتتا
ئۇچرىشىش، ئايرىلىشمۇ قالمىغان
پەقەت بىر يول
ئاندا – ساندا كىشىلەر
ئازراق ھاياجانلىنىش
ۋە بىر غېرىچ شامال…

كۆڭلۈم بىر قىسمىلا
چۈنكى ساڭا بىر نەرسە بەرگۈم بار
لېكىن بېرەي دېگەن نەرسىنى
ئالالمىىم ئېسىمگە ئەسلا.

بەلكىم ساڭا كېرەك بولغىنى
سۈكۈتتۇر پەقەت
چوڭقۇرلىقى ئادەم، كەڭلىكى ئالەم
سېنىڭ گۈزەل چارچاشلىرىڭدەك.

2016- يىلى 7- مارت

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ