بۇلبۇل بلوگى

0

ئالدىدا

298

ئەي گۈزەل قەدرىڭنى بىل، باش ئەگمە ئالتۇن ئالدىدا،
خارلىما ئالتۇن بويۇڭنى ساختا دۇردۇن ئالدىدا.

سەن ئىدىڭ گويا قىزىلگۈل، ئەسلى بۇلبۇل ئاشىقى،
كىم ئېچىنمايدۇ شۇ گۈل خار بولسا قۇزغۇن ئالدىدا.

كىم مۇھەببەتنى ئويۇن چاغلاپ كۈلۈشنى ئىزلىسە،
كۈلكىگە قالغاي ئۆزى ھەتتاكى مايمۇن ئالدىدا.

لەيلىنى سەت دەپ مازاق قىلغۇچىنىڭ كۆزى بۆلەك،
ئەمما ئۇندىن ئۆزگە ئۇز بولغانمۇ مەجنۇن ئالدىدا؟

بولمىسا گەرچە مېغىز، پوستى ئۇنىڭ ئەخلەت – شاكال،
خۇددى شۇ ھەر نەرسىنىڭ شەكلىمۇ مەزمۇن ئالدىدا.

ئايلىنارمىش دىۋىمۇ زىبا سەنەملەر جىنسىغا،
لېكىن ئىنسانىي مۇھەببەت خەس ئۇ مەلئۇن ئالدىدا.

چىن مۇھەببەت قۇدرىتى ئالدىدا مەغلۇپ ساختىلىق،
تۈلكىنىڭ ساق قالمىقى مۈمكىنمۇ كەلكۈن ئالدىدا؟

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ