بۇلبۇل بلوگى

0

ئاھ مۇئەللىم، مۇئەللىم

176

(مەرھۇم ئابلىمىت سىدىققا مەرسىيە)

شۇڭقار قولدىن ئۇچقاندەك،

يۇلتۇز كۆچۈپ ئۆچكەندەك،

كەتتى ئارىمىزدىن قەلبى ئويغاق بىر ئىنسان،

ئۇنىڭ ئېتى مۇئەللىم(نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئۇنۋان!)

ئاھ، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

ئەلۋىدا، ئەي مۇئەللىم!

سەن تېخى ياش ئىدىڭ،

ئەلگە چىن قاياش ئىدىڭ،

ئەمدى بىلگەندە قەدرىڭ، قالدۇق سەندىن ئايرىلىپ،

سۇندى گويا بوغدىنىڭ بىر قارغىيى قايرىلىپ.

ئاھ، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

ئەلۋىدا، ئەي مۇئەللىم!

بور توزغىقىنى يۇتۇپ،

ئاق توزانغا كۆمۈلۈپ،

دوسكا ئالدىدا ئۆمرۈڭ ئۆتكىنىنى كىم ئۇنتار،

قان-تەرىڭنى كىملەرگە تۆككىنىڭنى كىم ئۇنتار.

ئاھ، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

سېنى ئەسلەر ئەل دائىم.

بۇ گۈلىستان باغلاردا،

ئارچا ئۆسكەن تاغلاردا

ھەر قەدەمدە ئۇچرايدۇ سېنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىڭ،

يۇلتۇز كەبى چاقنايدۇ سانسىز ئوغۇل-قىزلىرىڭ.

ئاھ، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

ئەسلەر سېنى ئەل دائىم.

شۇڭلاشقىمۇ سەپ-سەپتە،

مىڭلىغان قول بەس-بەستە،

تاۋۇتۇڭنى باش ئۈستى كۆتۈرۈشۈپ ماڭغاندا،

نېمە دېدى بىلەمسەن ئەل-جامائەت شۇ چاغدا؟

ھۆرمەتلەنگەن بۇ يۇرتتا كىمنىڭ تاۋۇتى مۇنداق،

قايسى ھاكىم، قايسى بەگ، مەنسەپدار شۇنداق.

چۈنكى سەن-سەن مۇئەللىم،

ئەسلەر سېنى ئەل دائىم.

تاۋۇت ئاسمان ماڭماقتا،

كوچا تارلىق قىلماقتا.

يۈزلىگەن ياش كۆچەتلەر قاتار ئىككى قاسناقتا،

ياشلىق كۆزلەر ئۇزىتار تاۋۇتۇڭنى شۇ تاپتا.

بىلسەڭ ئىدىڭ كىم ئۈچۈن بۇ قايغۇلۇق دەقىقە،

ھەركىمگە تېگىۋەرمەس مۇنداق قۇتلۇق نېسىۋە.

ئاھ، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

ئەسلەر سېنى ئەل دائىم.

1985-يىل 6-ئىيۇن، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ