بۇلبۇل بلوگى

0

ئاھ، مېنىڭ مىللىتىم

228

(1)
نەسەبتە كۇللى ئالەم ئېتىراپلىق مىللىتىم باردۇر ،
ئوغۇز پۇشتى- مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر .
يۈسۈپ، مەخمۇت كىتابىغا يېزىلغان نىىي باھادىرلىق ،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيت ئەجىرلىك مېھنىتىم باردۇر .
يىپەك، قاشتاش، گىلەم، بۇغداي، بېدە، قەغەز…گە بىز ھەغدا ،
( بۇنى جاڭ چيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم، قىممىتىم باردۇر . )
قەدىم تۆھپە- يىراق ئۆتمۈشكە تالىق، ماختىناي قانداق ،
قۇياشلىق تاڭدا يۈكسەلمەككە تاغدەك ھىممىتىم باردۇر .
مېنىڭ بۇ مىللىتىم شۇنداق « قېرى »، ياق، نەۋجىۋان مىللەت ،
بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈن، ياق، ئەتىسىدە تەم- تېتىم باردۇر.
مېنىڭ بۇ مىللىتىم « پەگا » غا چۈشكەن « تۆر » گىمۇ چىققان ،
بۇ ھەقتە سۆزلىسەم شان- شەۋكىتىم گاھ ئىللىتىم باردۇر .
ئۆزىنىڭ مىللىتىنى يەرگە ئۇرماس ھېچ كىشى زىنھار ،
مېنىڭ بۇ « تىللىشىم » دا تەكتى ھۆرمەت، خىزمىتىم باردۇر…
( 2 )
بۇ مىللەت شەنىنى يايغان جاھانغا ئۆم- ئۇيۇشقاقلىق ،
ھالا ئەمدى چېچىلدى قۇم كەبى، تەستەك قۇيۇشماقلىق .①
ھەسەتلىك دىل، ھەسەتلىك گەپ، ھەسەتلىك كۆز… شۇڭا دائىم_
ئارام تاپمايدۇ « كولاش » تا، تېخى كولاپ تۇيۇشماقلىق .
خىيالىدا ئىلىم- ئىرپان ئەمەس جاڭجال، رىيا، پىتنە …
ئەدەپ- ئەخلاقنى يەم قىلدى قىزىلكۆزلۈك، ئۇرۇشقاقلىق .
كىچىكلەر چوڭغا بىھۈرمەت، ئەپۇنى خالىماس چوڭلار ،
ئۇدۇم بوپقالدىغۇ چۈجە- خورازدەك تەڭ تۇرۇشماقلىق .
« مۇھەببەت- سۆيگۈدە گۈللەيدۇ ئالەم، زىتلىشىش نەسلىك ،
بۇ نەسلىك يولىنى تار قىلغاي » نى ھېچ ئويلاپ قويۇشماغلىق .
كىشىنىڭ چىن ۋاپا، ئىخلاستىن  ئارتۇق غەمخورى نەدە ،
بۇ مىللەت ئۇشبۇغەمخورلۇق بىلەن سۆھبەت قۇرۇشماغلىق .
ئىلىم- پەن راك بىلەن ئەيدىزگە تاپتى- تاپقۇسى مەلھەم ،
بۇ مىللەت خەۋپى راك يەڭلىغ مىجەزىنى تونۇشماغلىق .
( 3 )
بۇ مىللەتتە « ساقاللىقلار » ناماز خانلىققا يۈزلەندى ،
« ساقالسىزلار » لاغايلاشقا، مەمەدانلىققا يۇزلەندى .
ئويۇنپەزلەر سوقۇپ تاش بىرلە تاشنى كۆڭلىنى ئاچسا ،
« كارا  ok »، « تانسىكەش » نىڭ ۋاقتى بىزمانلىققا② يۈزلەندى .
جاھان نەدە، ئۆزى نەدە؟ بۇنى ئويلايدىغانلار ئاز ،
ھەجەپ ئىش، پەيلى- خۇيدا بەخىرامانلىققا يۈزلەندى .
پاسۇن- مودا كىيىم، چاچ نۇسخىسى سۆھبەتتىكى ماۋزۇ ،
ياسانماقنىڭ غېمى ھالى پەرىشانلىققا يۈزلەندى .
« يېرى كەڭ، بايلىقى مول، خەلقى ئەمگەكچان » ئاتالغان يۇرت ،
ھورۇنلۇقتا كۈنى، ئېسىت، خەيرى- ئېھسانلىققا يۈزلەندى .
بۇ مىللەت ئىلمۇ- ئىرپان، كەشىپ- ئىجادتا تۆھپىكار مىللەت ،
نېمىشقا ئەمدى « ئەقلى كالتەك ئىنسان » لىققا يۈزلەندى؟
بۇ مىللەتنىڭ غېمىدە تۇرسا دەۋران، يۆلىسە ھەدەپ ،
نېمىشقا يۆلىگەنچە سالپۇ- سەرسانلىققا يۈزلەندى؟…
( 4 )
بۇ مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزدى يۇرتۋازلىق، خوتۇنبازلىق ،
ئاڭا يانداشتى مەيخورلۇق بۇ « بازلىق » لار قىلىپ ئازلىق .
« قايەرلىككەن؟ » بىلەن ئۆلچەپ « يامان » نى، « ياخشى » نى، توۋا ،
ئىمانى، جاننى بەردى جانانلار ئاتسا قاش نازلىق .
ئىچىپ مەي زورلىنىپ- زورلاپ، ئەقلىنى مەي بىلەن خورلاپ ،
كۆزىنى مەستلىكى تورلاپ، قېلىشتى غەمزە- غەممازلىق .
بۇلارمۇ يەتمىگەندەك، كۆر، چىقاردى باشقىچە ئادەت ،
گۇرۇھ ئايرىپ، جېدەل ئىستەپ، گۇماندا يۈتتى ھەمرازلىق .
ئۇ چىشلەپ، بۇ تېپىپ، ئۇ كوچىلاپ، بۇ چۇخچىلاپ… ھەيھات ،
ئاداۋەت، غوم- مۇرامدا دىل يېرىنى ئەيلىدى سازلىق .
ئۆگەنمەك يوق، تىرىشماق يوق، ئىلىم تەھسىلگە قىلماق زوق ،
يەنە قېپقالدى بىر مۇنچە ئېسىل خۇي، خۇيدا رەڭۋازلىق .
ئارام تاپسا سوقۇشتۇردى، تالاشتۇردى خوراز، ئىتنى ،
جاھاندا بارمۇ بىر مىللەت سۈپەتتە ئۇشبۇ ئەندازلىق؟
( 5 )
مېنى بۇ مىللىتىمنىڭ غەپلىتى ئۈندەيدۇ چوقانغا:
– ئەجەپ مىللەت ئىدىڭ بوش كەلمىگەن كۆپ نوھى توپانغا .③
جاھالەت دەۋرى پۈتكەندە، زاماننىڭ زورى يۈتكەندە ،
سېنىڭ روھىي راۋانىڭ دەسسىدى ئىللەتتە قاپقانغا .
« ئېتىز، بۇغداي، قوناق… » تىن ئۆزگىسى يادىڭغا كەچمەيدۇ ،
ئەقىل، كۈچنى خوراتتىڭ ئەسكى كەتمەن- « گۇپپۇ- گۇپپاڭ » غا .
« ئوقۇيمەن! » دەپ تىرەجەپ يىغلىسا سەن زورلىغاچ تويغا ،
يېشى ئون ئۈچ شۇ دىلپارەڭ- قىزىڭ ئايلاندى چوكانغا .
ئوماق ئوغلۇڭ زامانى پەن كۆكىگە ئۆرلىمەكچىدى ،
چىقاردىڭ مەكتىپىدىن، باقتى قوي- ئايلاندى چوپانغا .
ئايال- مەزلۇملىرىڭدىن قىزغىنىپ نۇر، ئاسقۇزۇپ چۈمبەل ،
« بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا… » دەپ پۈچەك دان توشتى دوپپاڭغا .
قېنى، ئېيت مىللىتىم، دائىم ئۆتەمدۇ كۈنلۈرۈڭ شۇنداق ،
ھەۋەس ئەيلەشتە كۆز چىمچىقلىتىپ ياتقانغا، قوپقانغا؟…
( 6 )
خىيالىم شۇ: مېنىڭ بۇ مىللىتىممۇ نۇر قۇچاقلارمۇ ؟
نادانلىق ئىللىتىنى ئىلمۇ- ئىرپاندا پىچاقلارمۇ ؟
جاھان نۇر تېزلىكىدە، بەلكى نۇردىن تېز سەپەر ئەتمىش ،
« قورساق » تىن نېرىغا ئۆتمەس نىچۈن گەپ- « ۋاچ- چاپاقلار » مۇ ؟
رىقابەت، مەرىپەتنىڭ ئالىمى بۇ- باشقىچە ئالەم ،
ئېلېكتىرلەشتى بۇ كەمدە قازان ھەتتا ئوچاقلارمۇ .
پەقەت بىزلا تېرىپ تەمەچ، پاسار ياقساق تۇنۇر ، مەشكە ،
پېتىدىن چۈشىمىسە، توۋا، قەدىم تاش يارغۇچاقلارمۇ :④
ھاراقتىن بىر تۇرۇشتا قانچىلىك ئىچمەكتە بەسلەشسەك ،
دەرىخا! ئەقلۇ- ئىدراكنىى بۇ قاششاقلىق پاچاقلارمۇ ؟
جاھان مىللەتلىرىنىڭ سەپ- قاتارى بىزگىمۇ مەنسۇپ ،
بۇ مەنسۇپلۇق « بىلىش » تە! بىز بىلەلمەس دۆت- قاپاقلارمۇ؟
ئۇنتۇما مىللىتىم، ئاۋۋالقىسى پۇشتۇڭغا تەۋە شان ،
سېنىڭ شانىڭ نېمە، سىنغان ساپال، دات تىغ، رۇچاقلارمۇ؟!⑤
( 7 )
مۇسەننىپ، بول ئۈمىدۋار، مىللىتىڭ ئىقبالدا ياشنايدۇ ،
تېپىپ بىرلىك كۈچىدىن كۈچ قەدەمنى پۇختا تاشلايدۇ .
ئۇنى ئويغاتتى ئىسلاھات تېڭى، غاپىللىقى يۈتكەي ،
ئەمەس ئانچە ئۇزاى توي مەزگىلى، مەشرەپمۇ باشلايدۇ .
ئۈمىدلەن مىللىتىڭنىڭ ئەتىسىدىن، سۆيگۈسىدىن ھەم ،
شىرىن پەرھادىنى، لەيلاسى مەجنۇننى باغلاشلايدۇ .
ئەمەس ھېچقانچە ئىللەتنىڭ كۈچى ئۆزىنى بىلگەنگە ،
نى ئىللەت تاغىنى ئۆزىنى بىلگەنلەر پاچاقلايدۇ .
ئەقىل- ئىدراكىنى قاششاقلىق تۇتالماس ئىلكىدە ئەمدى ،
دەۋر تۇرغاچقا پاكلاپ روھىنى، غاپىللىق ياۋاشلايدۇ .
كېرەم، دىلبەر⑥ گە باق، مىللەتنى كۆر، روھلان، خۇيۇڭنى تۈز ،
ئىشەنمەسلەر ئۆزىگە « قىل » نى « پىل » دەپ، غەم ھاپاشلايدۇ .
جامائەتكە ئەجەپ جىق سۆزلىدىڭ روزى، يەنە سۆزلە ،
دېگىن: ئۆزىنى بىلىشتە مىللىتىم گۈللەيدۇ، ياشنايدۇ!
1993- يىل ئۆكتەبىر، خوتەن
ــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:  ① قۇيۇشماق- ئۆم بولماق، بىرىكمەك مەنىسىدىكى شىۋە.
② بىزمانلىق- كەچقۇرۇنلۇق، كەچلىك.
③ رىۋايەتتە ئېيتىلغان نوھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى توپان ( سۇ ) بالاسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
④ يارغۇچاق- قول بىلەن چۆرۈپ ئۇن تارتىدىغان ئىپتىدائىي تۈگمەن.
⑤ رۇچاق- قەدىمكى ئوقياغا تەقلىدىي ياسىلىدىغان بالىلار ئوقياسى.
⑥ كېرەم، دىلبەر- مائارىپنى قوللاش نەمۇنىچىسى، كارخانىچى كېرەم ئىمىن ۋە مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى دىلبەر يۇنۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ