بۇلبۇل بلوگى

0

ئاغرىق

588

شۇ كۈندىن بۇيان تۈزگۈدەك گۈزەل بىر جۈملەم بولمىدى ھېچ

دۇنيا ئۈچۈن. چۈشلىرىم تورلار ۋە قۇراللار پەيدا بولغاندىن تارتىپ تۇمانلىق.

تولغىشىپ سوزۇلغان ئويچان بىر يول، يولدا كونا بىر تاش،

پورتتا باغلاقلىق بىر قېيىق، يوسۇن باسقان بىر ئارغامچىدەك تۇردۇم.

 

يىراق تەرىپىمدە ئوچۇق دېڭىز بار ئىدى ئۇ يۈرۈپ كەتتى.

مەن قىرغاقتا تەنھا بىر ئۆي، تار بوغۇزدا غىچىلداۋاتقان تاختا پىرىستان،

قېيىقتا بىر كامىر، سەل نېرىدا كاۋا چېچىكى رەڭ بىر لەيلىگۈچ،

ئىچىمدە ئەكىس ئەتكەن شىمال  خاتىرەسى  بىلەن تۇرغۇن سۇنى ئۇردۇم.

 

بىر رەڭسىز رامكا ئىچىدە، ھەممىسى، ھەممىسى بىر خاتىرە شۇ

تاشلىدىم، ئۇنۇتتۇم، ئۇنۇتۇلدۇم.

 

مەن ساڭا قىلغاننى ماڭىمۇ قىلىشتى،

مەن ھېچبىر جۈملىگە يىغلىيالمايمەن ئەمدى.

 

* * * * * * *

ئاپتور: بىرخان كەسكىن

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ