بۇلبۇل بلوگى

0

ئاغرىپ قالدىڭمۇ

197

ئايىغىم ئاستىدا ئېرىيدۇ قارلار،مۇزلار،ئوتلار
خېتىڭنى ئوقۇيمەن يۇلتۇزلار بىلەن،شاماللار بىلەن…

پەلەمپەيلەر چۈشۈپ كېلەر تۇيغۇمنى ئاستا بېسىپ
ئۇتتۇزىنچى پەلەمپەيگە كەلگەندە مىجىلغانلىقىمنى
بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن
ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولىمەن ۋە بۇساناقنىڭ خاتا بولۇشىنى ئىستەيمەن
سۇنغان سۆڭەكلىرىمنى،چېچىلغان ئەزالىرىمنى يىغىپ ئۆزۈمنى قۇراشتۇرىمەن
بىر پېيى يۈتكەن پەلىيىمنى قايسى قولۇمغا كىيسەم بولىدىغانلىقىنى
بىر پېيى ئېشىپ قالغان ئايىقىمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىمەن
ئاندىن قاناۋاتقان قانلارنى سۈرتۈپ يولغا چىقىمەن
ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟دەپ سورىغان ھەمراھلىرىمغا
ياق،بۇ ئاغرىق ئەمەس،مۇھەببەت!دەپ جاۋاپ بېرىمەن…

ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟
چىرايىڭ يوقالدىمۇ،ھاياتىڭ ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتامدۇ
كېسىلگەن بېشىڭنى باشقىلار ئېلىپ قېچىۋاتامدۇ
سۇلغان گۈللىرىڭنى ئۆلۈك كېپىنەكلەر تاماششا قىلىۋاتامدۇ
ئىچىڭدە قارا بۇرانلار قۇتراپ سۆزلىرىڭنى ئۇچۇرىتىپ
قۇرۇغان دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا ئىلىندۇرۇپ قويۇۋاتامدۇ
ناشتىلىقىڭدا زەھەرلىك يىلانلار داستىخانلاردا ساڭا ھەمرا بولۇۋاتامدۇ
قۇياش زەھەرخەندىلەرچە كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ قاراۋاتامدۇ
دەريالاردا قان ئېقىپ،ئىچكىلى سۇ تاپالماي تەشنالىق قىيناۋاتامدۇ
ئۆيۈڭدىكى تۇمانلار خىلمۇ ـ خىل رەڭلەردە سېنى يۇتۇۋاتامدۇ
خىيالىڭنى قۇچاقلاي دېسەڭ قولۇڭ يوق تۇرامدۇ
ئويلىرىڭغا باراي دېسەڭ پۇتلىرىڭ غايىپ بولۇۋاتامدۇ؟!…

ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟
يۈرىكىڭ ئوتقا قاقلىنىپ ئۆز گۆشۈڭنىڭ ھىدى دىمىقىڭنى ئېچىشتۇرۋاتامدۇ
تىلىڭدا تىكەنلەر ئۈنۈپ،سۆزلىرىڭ مېنىڭدەك قاناۋاتامدۇ؟…

مۇھەببەت ئەسلىدىنلا بىر كېسەلغۇ
سەن ئۇندىن باشقا يەنە قانداق كېسەل بىلەن ئاغرىدىڭ؟

2016.02.01

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ