بۇلبۇل بلوگى

0

ئاغىنەم

389

بىز ئۈرۈمچىگە ئاشىق بولغانتۇق

بەش يىل كۆيۈپ ئاخىرى تەلەپ قويغانتۇق

بۇ كۆيۈكنىڭ ھاياجىنىدا

سەھرادىن كەلگىنىمىزنى

كەمبەغەل ئىكەنلىكىمىزنى

باش تىققۇدەك بىر ئۇۋا

يەيدىغان ئاش-نان لازىملىقىنى

گويا ئۇنتۇپ قالغانتۇق

مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىشەنگەنتۇق؟

 

ئۈرۈمچى بىزنىڭ چۈشىمىز ئىدى

ئون نەچچە يىل پالچى ئىزدىدۇق

پال تاشلىرىدەك قاڭقىدۇق

ئوڭ چۈشتۇق، دۈم چۈشتۇق

كۆردۇق، بىلدۇق، ئاڭلىدۇق…

ئوتى يامان

دەردى ئۇنىڭدىن يامان

سوغۇقى دۈشمەندەك

ئىسسىقى سىرتماقتەك

باھارى تەلەيدەك

كۈزى قىسمەتتەك بۇ كۆڭۈللەر ئاستانىسىدە

بىر ئىشتان، بىر چاپان بىلەنلا قالغانتۇق

 

ئۈرۈمچىنى بىزنىڭ دەيتتۇق

ۋە بۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانتۇق

تاشلىرىنى قۇچاقلاپ

توپىسىنى كۆزىمىزگە سۈرتكەنتۇق

بىزنى مۇساپىر دېگەنلەرگە

ئاچچىققىنە كۈلۈپ قويغانتۇق ۋە:

ئۈرۈمچى _ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغانلارنىڭ ئەمەس، ئۈرۈمچى ئۈچۈن تۇغۇلغانلارنىڭ! دېگەنتۇق

ئەي، مېنىڭ ئۈرۈمچى ئۈچۈن تۇغۇلغان ئاغىنەم

ئەي،  مېنىڭ ئۈرۈمچىدىن غايىپ بولغان ئاغىنەم

ئەي،  مېنىڭ ئۈرۈمچىگە سىڭىپ كەتكەن ئاغىنەم

بىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ

ئۈرۈمچىسىرەپ كەتتۇق…

 

2015.7.5

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ