بۇلبۇل بلوگى

0

ئادەمدەك ياشا

196
قالمىسۇن ئىنساندىن ھايۋانىنىڭ ئىزى،
ئاگاھ بول، ئادەمسەن، ئادەمدەك ياشا.
پۇل تاپساڭ بولمايسەن تەڭرىنىڭ ئۆزى،
ئاگاھ بول، ئادەمسەن، ئادەمدەك ياشا.
خىيانەت بار جايدا دىيانەت يوقتۇر،
دىيانەت بار جايدا جىنايەت يوقتۇر.
ياخشىنىڭ نامىغا قىيامەت يوقتۇر،
ئاگاھ بول، ئادەمسەن، ئادەمدەك ياشا.
ئەجرە يوق ئىنساندىن قارا يەر ياخشى،
قەدرى يوق مېھماندىن قەلەندەر ياخشى.
ئەمەستۇر دوستۇڭدىن دۇر-گۆھەر ياخشى،
ئاگاھ بول، ئادەمسەن، ئادەمدەك ياشا.
بىر كەلدىڭ، بىر كەتسەڭ ئالەمدە يوق سەن،
تەقدىردە بەئەينى ئېتىلغان ئوق سەن.
يۈرسەڭمۇ گاھى ئاچ، گاھىدا تۇق سەن،
ئاگاھ بول، ئادەمسەن، ئادەمدەك ياشا.
شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ