بۇلبۇل بلوگى

0

ئادەم ۋە ئىشەك

288

ئىشەكنى تىللىساڭ ھاڭراشنى ئۆگەن،
چۈنكى تىلىڭ كىچىك شۇنداقلا ئاجىز.
ئىشەكتىمۇ، ئادەمدىمۇ شەرمى – ھايا يوق،
ئىشەك بەدىنىگە تىكىلىپ تۇرىدۇ بىر قىز.
 
ئادەم بىلەن ئىشەكنى تەڭ ياراتتى ئاللا،
كۈچىنى ھالال قىلدى ئۆزىنى ھارام.
ھۆكۈمران بولدۇم دەپ كۈلىدۇ ئادەم،
ئىشەك يىغلايدۇ تارام – تارام.
 
كارۋانلارغا باش بولۇپ كەلدى شۇ ئىشەك،
بوۋاڭغا يار – يۆلەك، ئاتاڭغا ھەمراھ.
ئىشەكنى ئۆمۈرلۈك باغلايدۇ ئادەم،
ئۆزى ئىشەكتىن كۆپ ئۆتكۈزەر گۇناھ.
 
2003 – يىل 8 – ئاي
ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ