بۇلبۇل بلوگى

0

ئاچ كۆزلىرىڭنى

702

سەن ئەڭ ئامراق كىيىمنى كىيدىم

بۇ كېچە ئەتىرىڭنى چاچتىم

سولغۇن يۈزۈڭنى سىلىدىم

جىممىدىلا چېچىڭغا سۆيدۈم

يازغان خەتلىرىڭنى ئوقۇدۇم

قېنىپ-قېنىپ سۇ ئىچكەندەك

سېنىڭ فاتىفون تەخسىلىرىڭنى قويدۇم، ئاھ!

ھەممىدىن بەك ئاشۇ ناخشىدا سېنى سېغىندىم.

 

تەنھالىق ئىشىكىمنى چەكتى، ئېچىشتىن قورقتۇم

يېرىم كېچە

شەھەر ئۇخلاپ قالدى، قارىدىم سىرتقا

كۆمۈر قارىسى

شامال ئالدىراش ئېلىپ كەلدى ھىدىڭنى ماڭا

ئالدىم قوينۇمغا

سۆيۈشۈڭنى خاتىرەمدىن يۇلۇپ ئېلىپ

چىڭڭىدە تەككۈزدۈم لەۋلىرىمگە

توڭلىدىم قاراڭغۇدا

تېنىڭنى سىلىدىم ھېس قىلسۇن دەپ

ئاچ كۆزلىرىڭنى.

 

سېرىس گۈللىرىڭنى سۇغاردىم

ئىچكەچ مەن بىلەن پاراڭلاشتى

ياستۇقىڭنى سىلىدىم، پۇرىدىم

خاتىرەلەر ئۇچۇپ چىقتى

گويا تىنىقىڭ چاچلىرىمنى يالىدى يەنە

سالقىن شامالدەك

تېنىڭنىڭ ھىدى ئارىلاشتى ھىدىمغا

بىر-بىرىگە خويمۇ ياراشتى

 

بوغۇلدۇم قاراڭغۇلۇقتا

يېنىمدىلاسەن مەندىن بەك

ئۇزاقلاردا

قولۇمنى تۇت، يېقىن كەل ماڭا

ئاچ كۆزلىرىڭنى.

 

ئاتتىم ئۆزۈمنى كوچىلارغا

يېشىل چاپىنىڭ ئورىدى مېنى

ماڭدىم قاراڭغۇلۇققا قاراپ قورقماستىن

تۇتتۇم قوللىرىڭنى.
 

* * * * * * *

ئاپتور: جان دۈندار

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ