بۇلبۇل بلوگى

0

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

229

تىنجىق كىچىلەردە ئۆگزەمدە يېتىپ ،
كەپسىز شاماللارغا باغرىمنى ئاچتىم.
يىراقتىن چىللىغان يۇلتۇزنى تېپىپ،
ساما يوللىرىدا يىگانە ئاقتىم.

مۇڭ ئارا مۈگدەپ ياتقان سۆزلەرنىڭ ،
كىلىپ ئىشكىگە توۋلىدىم ،قاقتىم.
كۆيدۈرۈپ سۈكۈتنىڭ قارا جىسمىنى ،
تىنىمسىز قەلىمىمنى ئوت قىلىپ ياقتىم.

مىسكىن ئاۋاز بىلەن چەكمىدىم پەرياد ،
سۆزلەرنى قالدۇرماي دىدىم ئۇياتقا.
ئۆلۈمنى ئاقلىدىم قىسقا ئۆمرۈمدە ،
ھاقارەت قىلمىدىم گۈزەل ھاياتقا.

مىڭ تولغاق ئەۋجىدىن تۇغۇلار بىر سۆز ،
مىسرالار ئوخشايدۇ شىھىتلىكىمگە.
نازۇك گۈللەر ئەمەس يارىشار خەنجەر ،
قەبرەمدىن بالقىغان يىگىتلىكىمگە.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ