بۇلبۇل بلوگى

0

ئابدۇرېشىت ئېلىنى مەسخىرە قىلىش

244

مەن بۇ ئادەم بىلەن بىر ئادەم ئەمەس

لېكىن بىزنى بىر ئادەم دەپ ئويلار ھەممىسى
ئۇنىڭ قىزغىن تۇرمۇشى بار
بىراق مەندە ئۆرلەۋاتقان تاماكا ئىسى.

ئۇنىڭغا قاراپ مېنى يىغا باسىدۇ
بىرسىنى كۈتەر ئۇ يوشۇرۇن
كۈتكىنى ئېھتىمال بىر قىز بولسا
ئۆلۈپ كەتكەن قىزدۇر ئۇ بۇرۇن.

كۈتۈشنىڭ ئاخىرى بارمۇ؟- سورايمەن
يالىڭاچ دەرەخ،- جاۋاب بېرەر ئۇ.
سۆيۈپ باققانمۇ؟-سورايمەن،
ئۇ بىر ئەبلەخ،- جاۋاب بېرەر ئۇ.

كېلىۋاتىدۇ،- دەيدۇ ئۇ ھارغىن
يوللارنى كۆرىمەن كېلىۋاتقان.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى سەھەردە
تۈنلەر بىر ئالمىدۇر قىزىرىپ پىشقان.

ئۇنى تونىسىڭىز كېلىڭ چاقىرىپ
ئۈچىمىز دوئىلغا چۈشەيلى يەكمۇ-يەك.
ئۇنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرگۈم بار،
يىقىلسا، ئۇ مەن ئەمەس دېمەك.

بىرسىمىز ھايات قالىمىز جەزمەن
ھايات قالىدىغىنى سىزدۇر ئاخىرى.
ئۇ راستىنلا رەھمەتلىك بولسا
مەن شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ شائىرى.

2015-يىلى 6-يانۋار

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ