بۇلبۇل بلوگى

0

ئابدۇرېشىت ئېلىغا قارشى

275

(بىرسىنىڭ ئويلىغانلىرى)

مەن ئويلىغان شېئىر
سېنىڭ قەلىمىڭدە كېلەر دۇنياغا
ئۇ شېئىردىكى ئاشىق يۈرەك
مېنىڭ يۈرىكىم ئەمەستۇر ئەمما.
لېكىن يۈرىكىم ئاشىق ئايال
شۇ شېئىردىكى ئۆستەڭ بويىدا
چاچلىرىنى ئۆرۈپ قىرىقتال
كۈتەر بىرىنى…
بىلىمەن، كۈتكىنى مەن ئەمەس
مەن ئۆلتۈرگەن بىرى
ئۆلگەن بىرى.

يۈرىكىمدىكى سۆز
لېۋىمدىكى دارغا ئېسىلغان سۆز
سېنىڭ شېئىرلىرىڭدا يۈرىدۇ ئويناپ.
يۈرىكىمنى سىلايمەن
يۈرىكىمنىڭ ئۆكسۈۋاتقانلىقىنى سىزىمەن،
لىۋىمنى يالايمەن،
ئۇسساۋاتقان ئادەممەن
كىچىككىنە سۆيگۈمدەك
شېئىرلىرىڭدىكى كۆڭۈلدەك.

سېنىڭ شېئىرىڭدىكى تەشنالىق
مېنىڭ تەشنالىقىم ئىدى بىر ئاسمان.
سېنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەت
مېنىڭ ئىدى، ماڭا پاتمىغان.
ئۇلارنىڭ سېنىڭ شېئىرلىرىڭ ئارقىلىق ئاشكارلىنىشى
مېنىڭ يىگانىلىقىمغا تاشلايدۇ سايە.
شېئىرلىرىڭدىن قېچىپ كېتىۋېتىپ
كىرىپ قالىمەن ئىچكىرىسىگە.

سېنىڭ قۇلۇڭنى كۆرسەم دەيمەن،
سۆزلىرىڭنى كۆرسەم دەيمەن
يېزىۋاتقىنىڭنى كۆرسەم دەيمەن
سەن مېنىڭ يۈرىكىمنى كۆرگەندەك
سۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچقاندەك
ئاندىن مەن تۇيماي قالغاندەك
تۇيماي قالساڭ سەنمۇ ھەم پەقەت.
ياق، ياق، ياق
بۇ شېئىرلارنى يازغان سەن ئەمەس
سەن شېئىر كۈتۈپ ئولتۇرغاندا
كۆكتىن چۈشكەن شېئىردۇر بۇ، بەس!

مەن يەنە بىرىنى ئۆلتۈرمەك بولسام
ئۇ بەلكىم سەن بولۇشۇڭ مۇمكىن،
مەن بىرىگە نەپرەتلەنمەكچى بولسام
سەن ئېسىمگە قۇنۇشۇڭ مۇمكىن.
مەن بىرىنى ئېتىراپ قىلماقچى بولسام
ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىندۇر شۇئان
سېنى ئۆلتۈرۈش ئىستىكى
كۆزلىرىمدۇر، ئاھ ئوچۇق قالغان.

2014-يىلى 1-فېۋرال

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ