بۇلبۇل بلوگى

0

ئابدۇرېشىت ئېلى دېگەن ئادەمنى ياندىن كۈزىتىش

647

بارلىق ئادەملەر ئارا
ئابدۇرېشىت ئېلى دەپ بىر ئادەم بار
ئىسمى ئۇزۇنراق بولسىمۇ مەنىسى قىسقا
شەكلى سىلەرگە ئوخشايدۇيۇ، قىلىدۇ ئىنكار.

ئۇنىڭ يېنىىدا باردۇر بىر بوش يەر
يالغۇز بېشىدا ئاندا-ساندا چاچ.
ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتەر كىشىلەر
ئۆتكەندەك باغلارنىڭ ئۈستىدىن قۇچقاچ.

قارىماققا ئۇ كۈتەر بىرىنى
قارىماققا ئۇ يۈرەر پەرۋاسىز.
ئاختۇرساق تۇيدۇرماي خىياللىرىنى
ئۇچرايدۇ تاش كەبى ياتقان بىر دېڭىز.

ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتقىمىز كېلەر،
كېلەر ئۇنىڭدىن قاچقۇمىز يەنە
ئۇ غەمكىن شامالدەك بۇ يەردىن كېتەر
كەتكەندەك ناتونۇش كىشىلەر ئەنە.

ئۇ مۇھەببىتىدىن ياسىغان دارغا
ئۆزىنى ئاسىدۇ يوشۇرۇن، تىنچ.
قارايدۇ ئاخىرقى قېتىم باھارغا
كۆرۈنمەس ھەتتاكى پەسلى كۈزمۇ ھېچ.

ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر ئادەم
لېكىن بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايان.
ئۇنىڭ سېغىنىشلىرىغا بەس دېسەك بىردەم
ئېرىشىشمۇ كېچىشمۇ بولىدۇ يالغان.

دېسە بار، دېمىسە يوقتۇر ئۇ ئەسلى
يوقتۇر ئۇ سەن كۆرگەن چۈشلەر ئىچىدە.
ئۇ بەلكىم ھايات بىلەن ماماتنىڭ پەرقى
ئۇ بەلكىم بىر يۇلتۇز، يانغان كېچىدە.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ