بۇلبۇل بلوگى

0

ئابدۇرەھىم

236

1
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯩﻠﻠﯧﭙﺲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﺎﺭ
ئۇ -ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺵ ، ئۇ – ﺳﯩﺰﯨﻖ ، ئۇ – ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﯗﺵ
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭘﺎھﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﺭ
ھېچقاﻧﺪﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ئەﻣﻪﺱ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﺎﺭ
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻗﯩﻴﻨﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺗﺒﻪﺷﯩﺮﻩ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﺭ

ﺳﻪﻥ ئەﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺴﻪﻥ
ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺭﯨﺴﻪﻥ
يېرىم ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻨﻰ، ئاﻣﻤﯩﺒﺎﭖ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺴﻪﻥ
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﻠﯩﻘﻘﺎ، ئاﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﯩﺴﻪﻥ
ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ئۆﺗﯩﺴﻪﻥ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ئاﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ئۈﭼﯜﻥ ئۆﺯﯛﯕﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺴﻪﻥ
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ئۆﺗﻤﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ
ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺴﻪﻥ
ئورنۇڭنى ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺴﻪﻥ
2
ئۇ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ
ﺳﯧﻨﯩﯔ ئاﻧﺎﯓ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ئەﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ئاﻳﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭘﺎﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ھﺎﯞﺍﻏﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ
ئۇ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﺎﯕﺎ: ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ئاﻏﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺩﻩﻳﺘﻰ
ﺳﻪﻥ ئەﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩق ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ
ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﭼﻪ ﺗﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﯩﯔ
ﺳﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺗﺘﯩﯔ، ۋەھىمىگە چۈشەتتىڭ، ئۆﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻪﺗﺘﯩﯔ
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﯜﻣﯜﻟﯩﻨﻰ ئۆﻟﺘﯜﺭﺳﻪﻡ
دەيتتىڭ
ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻪﻥ ئۇﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼ ئاﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﺩﯛﯓ
3
ﺳﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ھﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﻪﺗﺘﯩﯔ
ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ھۇﺯﯗﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﯩﯔ
ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﺪﻩ: ﺑﯩﺰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ئاﺯ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ
ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ئاﺯ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ
ﺑﯩﺰ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ئاﺯﻻ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ، ﺩﻩﭖ ئوﻳﻼﻳﺘﯩﯔ
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ئۆﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﺗﺘﯩﯔ
ﮔﻮﻳﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﯖﮕﻪ
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩبچى ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ:
”ھاۋدىريىم، ھاپدىريىم، ئابدىريىم، ئابدۇرېيىم، ئابدۇرېھىم، ئابدۇرەھىم“
ھﯧﻠﯩﻘﻰ ئۆﻟﮕﯜﺭ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺳﺎﯕﺎ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼيتتى
سەن ئەسەبىي ھالدا، شۇنداق دەيتىڭ:
ئاسمانغا ئۆلۈك ﻗﯘﭼﻘﺎﭼﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ
4
ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ، ﺳﻪﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﭼﯜﺷﯜﯕﺪﻩ
ئاﻧﺎﯕﻨﻰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ھﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻳﺎﺕ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ، ﺗﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺳﻪﻥ: ﻗﯩﺰﻻﺭ ئۈﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ئەﺳﻠﯩﻤﯩﺰ ئۆﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ
ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﯔ

ﺳﻪﻥ ئاﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﯔ، خۇددى ياۋايى ھايۋاندەك
ناھايىتى سەگەك ھالدا، ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﯘﻻﭺ ﻗﯘﺵ ﻣﺎﻳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ
ﻣﯜﺭﻩﯕﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭼﯧﭽﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﯓ
ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ھﺎﺭﺍﻗﺘﻪﻙ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺳﻪﻥ ﺧﻮﻟﯩﺮﺍﻧﻰ، ﻣﯧﯟﯨﻨﻰ ﻛﯚﺷﻪﭖ
ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ئۆچمەنلىكىڭنى ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ
ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﺪﻩ ﭘﯩﺘﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ
5
ﺳﻪﻥ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ
ﺳﻪﻥ ئۆﺯﯛﯕﮕﻪ ئۆﺯﯛﯓ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﯨﯔ
ﻛﺎﻟﯟﺍﻻﺷﺘﯩﯔ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﯨﯔ
ﺟﺎﻥ – ﺟﻪھﻠﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﺎﻝ ئاﻟﺪﯨﯔ
ﯞﻩھﯩﻤﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﯔ
ئاﯞﺍﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻗﯘﻳﯘﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ
ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻮﯕﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ

ئابدۇرەھىم
ئەﻱ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ – ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ!

1994-يىل 9-يانۋار، بېيجىڭ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ