بۇلبۇل بلوگى

0

93′ قۇربان ھېيت ھارپىسى

855

*
مېنىڭ خۇدا بەرگەن بىر پارچە ئېتىزىم بار
ھەر قېتىمقى ھېيت ھارپىسىدا
مەن ياۋا ئوت – چۆپلەرنىڭ ئىستىقبالسىز ئۆسۈشىنى،
قۇشقاچلارنىڭ كىچىككىنە ئەرزىمەس ھاياتىنى،
ئۆزۈمنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇزىراۋاتقان سايەمنى كۈزىتىمەن.
ئەتىسى،
بەدىنىمدىكى تۈكلەرنىڭ بىر ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى سېزىمەن.
بارمىقىمغا ياراشمىغان بىر تال تۆمۈر ئۈزۈك بىلەن
قەدىمدىن قالغان تېتىقسىز بىر ناخشا
ئالقىنىمدا بېرىكىدۇ.
مەن مانا مۇشۇنداق پىشىپ – يېتىلىمەن،
تېخىمۇ رەھىمسىز ۋە تېخىمۇ پەرۋاسىز بوپ كېتىمەن.
بەزىدە
گازىر چېقىپ كېتىۋاتقان بىر توپ بالىلارنى ئۇچرىتىپ،
ئەنجۈر دەرىخىنىڭ سۈت رەڭلىك شىرنىسىنى ياكى
ئەتە كېيىدىغان يېڭى كىيىمىمنى ئويلىشىم مۇمكىن.
بەلكىم، ساڭا دەرمەن :
_ مېنىڭ ئانام كاپىر ئەمەس.

1993- يىلى ئىيۇن، قەشقەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ