بۇلبۇل بلوگى

0

35 ياش تەسىراتلىرى

ئوتتۇز بەش ياش يېتىپ كېلىدۇ

سېخىدۇر، سوۋغاتلار ئېلىپ كېلىدۇ:

ئىش-كۈچ، خوتۇن، ئۆي-ۋاقا، بالا-چاقا،

قەرز، كېسەل، غەم، دەرت، پىغان…

چاپىسەن، پالاقشىيسەن، چىداپ كېتىسەن،

بەزىدە بوغۇلۇپ تويۇپ كېتىسەن،

لېكىن، بالام دەپ، خوتۇن دەپ چېپىپ كېتىسەن.

بەزىدە ھەقىقەتەن ھېرىپ كېتىسەن،

ئوتتۇز بەشكە كىرىپلا قېرىپ كېتىسەن،

ئۆتمۈش، بالىلىق، ئاتا-ئانا، ئارزۇ-ئارمان، دەرت، پۇشايمان…

ئوتتۇز بەش ياش مۇڭلۇق كۈيلەر چېلىپ كېلىدۇ.

 

ئۇششاق كېسەللەرگە قوشۇلۇپ بىرەر چوڭ كېسەل،

تۇرمۇشنىڭ بېسىمىغا قوشۇلۇپ خوتۇننىڭ كوتۇلدىشى،

مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە قوشۇلۇپ پۇلنىڭ يەتمەسلىكى،

كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان چىقىملار، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم،

ئالماقچى بولۇۋاتقان پىراۋا، ماشىنا ۋە پاسپورت،

كەلگۈسىدىكى ساياھەت پىلانلىرى

بالىلارنىڭ ئوقۇش ئىشى، چەتئەل، خارۋارد، ئوكسفورد…

بۇلار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ سېنى ساقلايدۇ.

ئوتتۇز بەش ياش ئۆلگۈدەك يۈك ئارتىلغان ئېشەكتەك

ھارغىن قەدەملەر بىلەن ئالغا باسىدۇ.

 

 

”ئالماقنىڭ بەرمىكى بار“

ئوتتۇز بەش ياش كۆپ نەرسىنى ئېلىپ كېتىدۇ:

خوتۇن ئېلىپ ئاناڭدىن

بالا تېپىپ داداڭدىن

ئۆي ئېلىپ ئائىلەڭدىن

خىزمەت تېپىپ ۋەزىپەڭدىن

ھازىر ئۈچۈن كەلگۈسىڭدىن

باشلىقنى دەپ خۇدادىن

پۇلنى دەپ پرېنسىپتىن

باشقىلارنى دەپ ئۆزۈڭدىن يىراقلىشىپ كېتىسەن.

ئوتتۇز بەش ياش بۇلارنى ئەسكە سېلىپ تۇرىدۇ.

 

 

خىزمىتىڭ بار.

ئۆيۈڭ بار.

خوتۇن بالىلىرىڭ بار.

پات يېقىندا ماشىنا ئالىسەن.

شەنبە-يەكشەنبە ساياھەت قىلىسىلەر.

قەرز دېگەن تۈگەپ كېتىدۇ.

سىلەرنىڭ ئەسلى غېمىڭلار يوق، دەيدۇ ئاقكۆڭۈل ئاچام.

سەن تېرىشمايسەن.

بۇ چاغقا مىليونېر بوپ بولاتتىڭ.

سەندىكى بىلىم خەقتە بولسا،

نەچچە يەردىن داچا ئالغان بولاتتى.

مەنمۇ بۇنداق ئاپتوبۇستا،

تونۇش بىلىشلەرنىڭ ماشىنىسىدا

قىينىلىپ يۈرمەيتتىم.

مەنمۇ خەقتەك ”ئالما“ تېلېفون ئىشلىتىپ،

شەخسى ماشىنامدا ئولتۇرۇپ،

ئېرىم بار، پۇل تاپىدۇ دەپ قورقماي خەجلەپ يۈرگەن بولاتتىم.

سەن تېرىشمايسەن شۇ، دەيدۇ ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئايالىم.

 

 

بەزىدە كېچىلىرى ئۇخلىيالمايمەن:

قارا باسىدۇ،

چۈشۈمدە ئۆلۈم دەھشىتى،

ئاغزىم قۇرۇپ كېتىدۇ،

تىلىمنى مىدىرلىتالماي قىينىلىمەن،

شاھادەت ئېيتالماي ئۆلۈپ كېتىش مېنى ئۆلۈمدىن بەكرەك قورقىتىدۇ.

ئويغۇنۇپ تىرىك ئىكەنلىكىمدىن خوش بوپ كېتىمەن.

قايتا-قايتا شاھادەت ئېيتىپ كېتىمەن.

كۈندۈزگە تەييارلىق بىلەن كىرىشنى ئويلايمەن،

ھەر نەپەسنىڭ ھېسابى ئۈچۈن تەييارلىق قىلاي دەيمەن.

ئوتتۇز بەشكە كىرىپتىمەن،

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلاي دەيمەن.

 

كۈندۈزلىرى خىيال بېسىپ كېتىدۇ.

خىيال بىلەن تەڭ تەر بېسىپ كېتىدۇ.

بىنالار، يوللار، كۆۋرۈكلەر يالغاندەك كۆرىنىدۇ.

يولدىكى كىشىلەرگە سەپسېلىپ قارايمەن،

ھەممە ئادەم ئالدىراش،

شۇنچىلىك ئالدىراش،

خۇددى ئۆلۈمگە، ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەكلا.

خاتىرجەم ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلار،

ئەركە شاماللار،

خىسلەتلىك يامغۇر،

بەرىكەتلىك قار،

غەمسىز ئوت-چۆپلەر،

كۆڭلى توق دەل-دەرەخلەر،

سۇئال-سوراققا تارتىلمايدىغان دەريا، كۆل، دېڭىزلار،

ئەي مەن تىللىغان ئىت،

مەن دۇمبالىغان ئېشەك،

مەن يىرگەنگەن چوشقا،

بەزىدە سىلەرگە مەسلىكىم كېلىدۇ!

ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەنلەرگە

ئۆلۈم ھەقىقەتەن يېقىن كېلىدۇ!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ