بۇلبۇل بلوگى

0

111-كېچە. ئوتتىكى ئايال

608

ئىمكانىيەتسىز تاش چېقىندىللىرى ئۈچۈن
ئۇنىڭ يالىڭاياق پۇتلىرى بىر ئولجا
گۇگۇمنىڭ تاتىراڭغۇ لەۋلىرى ئىچىدە
ئۇ ئۆزىنى تىتىپ ئولتۇرماقتا .
قاراڭغۇ ئورماندەك ھېكايىلەر
ھەر تال چېچىغا چىگەر بىر قىسمەت.
سۆيۈلۈش ئۈچۈن جېنى تۇرار دار ئالدىدا
سۆيۈش ئۈچۈن يارىلىدۇ گۈزەل رىۋايەت .
كېچىنىڭ ھال رەڭ تەرىپى مەس بولغاندا
تولدۇرىدۇ ئۇنى باغرىغا لىققىدە .
تىمتاسلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەن ئاي قاراڭغۇسى
نىمىنىدۇ دەپ قويىدۇ جىگدە چىچىكىگە .
ئەڭ زور بەرداشلىقىدا ئوتتىكى ئايال
ياشاپ كېلىدۇ سەمەندەر كەبى .
قىينايدۇ ئىچىدە شەيتاندەك بىر ئەر
بولۇپ پەرۋاسىز مىڭ تاغار دەردى .
ھەر قەدىمىدە بىر ئۇچۇم قوقاس
ھەر تىنىقىدا يېقىلار گۈلخان .
مۇھەببەت ئۇنى قويغىن پەپىلەپ
ئوت يىغلىمىسۇن بولۇپ پەرىشان .

2016.3.12. چىرا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ