بۇلبۇل بلوگى

0

108-كېچە. چېقىلىش

چاھارباغ ئىچىدە بىر كۆرۈم بولدى
چاھارباغ ئىچىدە بىر ئۆلۈم بولدى
چېقىلدى بىر چېقىن
ئۆزۈلدى بىر ئېقىن
چۆللەر چۆل بولغانغا پەندىيات
باغلار ئوت ئىچىدە ھەيھات
ھايات بىلەن مامات ئارىسى
بولۇرمىكىن شۇنچىلىك يىراق
باغرى ئەلەملىك يار
بىر جېنىغا تىكلەندى مىڭ دار
دار نە كىرەك ئاشىققا
كەينىگە قايتسا باھار
قولدىن ئەمەس جۇۋاننىڭ ئەينىكى
چۈشتى مىڭ يىللىق پەلەكتىن
چېقىلغىنى ئەينەكمۇ ياق ياق
سارغايغىنى چىھىرمۇ ياق ياق
يېيىلغىنى يەرگە ئەگىزدەك
قىزىل گۇلدەك نازۇك
ياپيېشىل پىراق
چېقىلغىنى ئوتنىڭ جەريانى
چېقىلغىنى ئالتۇن پىيالە
چېقىلغىنى تۈندىكى قىسسە
چېقىلغىنى چېچىنى تاراپ
ئوسما قويغان غەمزىلىك جۇۋان .

2016.3.10. چىرا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ