بۇلبۇل بلوگى

0

ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت

400

ئابدۇللا توقاي
*
ﻳﻪر ﻛﯚﻛﻪرﻣﻪس، ﮔﯜل ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎس ﺳﯘ ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪدﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﯘن ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺋﯧﻴﺘﯩﯖلارﭼﯘ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﮔﯜزەﻟﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﯩﺪى؟
ﺑﺎﻳﺮۇﻧﯩﯖﻤﯘ؟ ﻟﯧﺮﻣﻮﻧﺘﻮﻓﻤﯘ؟ ﭘﻮﺷﻜﯩﻨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ؟
ﻳﯜرەك ﺋﯚزى ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﮔﯚش ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯩﺸﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ دەردى ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎرە – ﭘﺎرە ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ.
ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ﮔﯚﮬﻪر، ﺋﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﯕلارﭼﯘ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻪم ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ ﻏﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ.
ﺗﺎﺗﺎرلارﻧﯩﯔ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮى ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎي ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ،
ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎرﺳﯘن ﺷﯩﻠﺘﯩﭗ ﺗﯘرﺳﯘن ﭼﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ.
ﺋﯚﻟﺘﯜرﺳﯩﻤﯘ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﻪن،
ﺋﺎﺷﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﯘﻟﯩﻤﻪن.
ﻳﻮﺷﯘرۇن ﻛﯚﻳﯜش، ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﺎزاب ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻟﻪززﯨﺘﻰ،
ﺑﺎرﻣﯩﻜﯩﻦ ﺗﺎڭ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪر ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚزﮔﻪ ﺑﯩﺮﻛﯩﺸﻰ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎر ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﻧﻐﯘﭼﻰ،
ﻗﺎﻳﺪا ﭘﻪرﮬﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺟﻨﯘن ﻣﻪن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﯕﭽﯩﺴﻰ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ