بۇلبۇل بلوگى

0

ﻛﯩﺘﺎب

378

ئابدۇللا توقاي
*
ﻛﯚﯕﻠﯜم ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎس ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﺴﺎ،
ﺋﯚز – ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪس ﮬﺎﻟﺪا روﮬﯩﻢ ﭼﯜﺷﺴﻪ.
ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﺴﻪم، ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪم، ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدا،
ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻟﻪززەت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﯧﻨﯩﻤﻐﺎ،
ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ – ﺋﻪﻟﻪم ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرﺳﺎ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻮﻳلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻗﺎﺗﺴﺎ،
ﺳﺎرﻏﯩﻴﯩﻤﻪن ﻛﯚﻳﯜپ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻣﯘﯕﻐﺎ ﭘﺎﺗﺴﺎ،
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﺎﺷلار ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘرﺳﺎ،
ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪن ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﯧﻠﯩﭗ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﮔﯜ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﻠﯩﭗ،
ﺟﯧﻨﯩﻢ، ﻗﯧﻨﯩﻢ ﻟﻪززەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪر ﺷﯘ ﭼﺎغ.
ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ دەردﻟﯩﺮﯨﻤﻤﯘ دەرﻣﺎن ﺗﯧﭙﯩﭗ،
ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﯘرۇم ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺳﯚزۈم –
ﻳﻮل ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪر ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎرلاق ﻳﯘﻟﺘﯘزﻟﯩﺮﯨﻢ.
ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎزاﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪەك
ﭘﺎرﻗﯩﺮاﻳﺪۇ ﻧﯘرﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘپ ﻛﯚﯕﻠﯜم، ﻛﯚزۈم.
ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪن ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا،
رەﮬﻤﻪت دەﻳﻤﻪن ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﻐﺎ.
ﺋﺎﺷﺎر ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺋﯚز – ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ،
ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﻗﺎراﻳﻤﻪن ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﻜﻪ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ