بۇلبۇل بلوگى

0

‎تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم

218

‎ تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم، 

‎ۋېسالىڭغا يەتكەنمەن، 

‎‏يەتمىگەن بار تۈركىيەم. 

‎‏ۋەتەن ئەمەس سەن بىزگە، 

‎‏يەكلىمەيسەن تۈركىيەم، 

‎‏غېمىڭ باركەن بىر سۈرۈك، 

‎‏ھالسىرايسەن بىر تۈرلۈك، 

‎‏چۈشەنمەيمىز غاجايمىز، 

‎‏پايدا بەرمەس بىر تۈرك، 

‎‏سىياسەت ۋە تاكتىكا، 

‎‏مىللەت، تۇپراق، ئىتىقاد،

‎‏مېدىيا ۋە ئىنتېرنېت،

‎تالىشىدۇ كىشنەيدۇ،

‎ۋاقتى كەلسە چىشلەيدۇ،

‎ھامان بىرى كېلىدۇ،

‎ئىستانبۇلدىن يازىدۇ،

‎تۈرك دېگەن بىر شەيتان،

‎يالماپ يۇتار ئۇ ھامان.

‎ئىچىمىزدىن تۈگىشىپ

‎ھارغىن چۈشنى كۆرۈشۈپ

‎يەنە ساڭا تەلمۈرۈپ

‎ئۆتىمىزكەن تۈركىيەم

‎ …تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم
‎2014.02.26 ئىستانبۇل

ئاپتورى: مۇھەممەتئېلى نىياز ئۇيغۇربەگ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ